ئادىلە قەشقەر

تۆت پەرزەنتنىڭ ئانىسى، پەرزەنت تەربىيەلەش يېتەكچىسى

بۇ دەرس ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتلىك ئانىلارغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر بىر پەرزەنتىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ دەرستىكى
بىلىملەردىن ياخشى پايدىلىنالايسىز
سىزنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچىتىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ بالىڭىزنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى ئەمەس، بەلكى سىز پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم بولغان چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بەزى توغرا چارىلەردىن خەۋەرسىز قالغان بولىشىڭىز مۇمكىندەرس تېمىسى: پەرزەنتلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سىرلاردەرس يېتەكچىسى: ئادىلە قەشقەردەرس مۇددىتى: ھەپتىدە بىر قېتىم، بىر سائەتتىن جەمئىي 8 ھەپتە ئۆتىلىدۇئۆتىلىش ئۇسۇلى: دەرس ئۇيغۇر تىلىدا، توردا ئېكرانلىق نەخ مەيدان ئۆتىلىدۇ (نەخ مەيدان دەرسىگە قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر دەرسلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتى ۋە شارائىتى ماس كەلگەن ۋاقىتتا قايتا ئاڭلىيالايسىز)بارلىق كۇرسقا تىزىملاتقان ئانىلارنىڭ سوئال سوراش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىشى ئۈچۈن ۋوتسئەپ گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇئوقۇش پۇلى: 198 دوللاردەرس پروگراممىسىغا ئالدىن تىزىملاتقان 50 نەپەر ئانىلارغا ئوقۇش پۇلىدا 50% ئېتىبار قىلىنىدۇ (يەنى 198 دوللارلىق ئوقۇش پۇلى 99 دوللارغا ئېتىبار قىلىنىدۇ. بۇ ئېتىبار پائالىيىتنىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا بۇ دەسلەپكى 50 نەپەر ئانىلارنىڭ بىرى بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ
تۆۋەندىكى تىزىملاش كونۇپىكىسىنى باسسسڭىز، تىزىملاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، شۇ كۆزنەكتە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتالايسىز، ئېتىبار كودى UYGHURMOMS

    © Uyghur Moms LLC. All rights reserved.

    دەرستە نېمىلەر سۆزلىنىدۇ

    تۆۋەندىكى تېمىلار دەرستە سۆزلىنىدىغان بىر قىسم تېمىلار، ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس•كۆپ بالا بار ئائىلىدە ئېنىرگىيەنى نەگە ئىشلىتىمەن؟ئىككىنچى ۋە كېيىنكى بالىلرىم بولغاندا باشتىكى پەرزەنتىمگە بولغان مۇھەببىتىمدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ دېگەن كۆز قاراش توغرىمۇ؟ ۋە شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا باشتىكى پەرزەنتىمدە يۈز بېرىۋاتقان روھىي ئۆزگىرىشلەر ۋە توسالغۇلارنى قانداق ھەل قىلىمەن؟مەن بالامدىن نېمىنى كۈتىمەن؟قايسىسى ھەقىقىي بالام، قايسىسى مېنىڭ ئارزۇيۇمدىكى، مەن كۈتكەن، شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك بالام، مەن بۇنى قانداق پەرقلەندۈرىمەن؟بالىلىرىمنىڭ مەندىن ھەقىقىي كۈتكىنى نېمە؟بالىلار ئارىسىدا سۈنئىي رىقابەت پەيدا قىلىۋاتامدىم مەسىلەن: كىم تاماقنى تېز يەپ بولىدۇ، كىم كىيىمنى تېز كىيىپ بولىدۇ..دېگەندەك، بۇ توغرىمۇ، قانداق قىلىمەن؟بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، بىر-بىرىنى بوزەك قىلىشقا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن، ئارىلىشامدىم ياكى ئارىلاشمامدىم، قاچان، قانداق ئارىلىشىمەن؟بالىلار ئارىسىدىكى نارازىلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن؟چوڭ بالامنىڭ كىچىك بالامغا بەزى «ياخشى بولمىغان» ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە گەپ-سۆزلەرنى
    ئۆگىتىپ قويىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن؟
    قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى قانداق يېتىلدۈرىمەن؟بالىلىرىم توختىماي يېنىمغا كېلىپ بىر بىرىنى ئەرز قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىمەن، بالىلىرىم مەندىن نېمىنى كۈتىۋاتىدۇ؟بالىلىرىم بىر-بىرى بىلەن ئويناۋاتقاندا مېنى توختىماي چاقىرىدۇ، قانداق قىلىمەن؟چوقۇم بىر-بىرىدىن كەچۈرۈم سورىغۇزامدىم؟بالىلىرىم «مېنىڭ ئانام» دەپ مېنى تالىشىدۇ، قانداق قىلىمەن؟بالام ماڭا گەپ قايتۇردى، مەن بالامنى سۆزۈم ئارقىلىق يەڭدىم، بۇ توغرىمۇ؟ ئەمما ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە (باغلىنىشغا) تەسىر يەتتى، بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن؟ئەيىبلەنگەن بالا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ، ئىشەنگەن بالىچۇ؟بىر ئىش يۈز بەرگەندە چوقۇم شۇ ۋاقىتتا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىشىم كېرەكمۇ؟كىچىكىنى ئۇخلىتىۋاتقاندا چوڭى ماسلىشىپ بەرمەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىمەن؟ئويۇن ماھارىتىنى قانداق قوللىنىمەن؟بالىلىرىمغا رەھمىتىمنى قانداق بىلدۈرىمەن، كۆپ ماختامدىم؟ھەقىقىي مۇھەببىتىمنى، مىننەتدارلىقىمنى قانداق بىلدۈرىمەن؟ھەممە بالامغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلامدىم؟بالىلىرىمنى قانداق يېتەكلەيمەن؟ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى زادى كىمدە؟ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندا قانچىنى سېتىۋالسام بولىدۇ، چوقۇم كىشى بېشىغا بىردىن سېتىۋالامدىم؟بالىلىرىمنىڭ «ئورۇنسىز تەلىپى» نى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن، ھەممىنى قاندۇرىشىم كېرەكمۇ؟كۆپ بالىلىق ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار چوقۇم ساقلىنىشقا تېگىشلىك روھىي ھالەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ئاتا-ئانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان سۆز ھەرىكىتىنىڭ بالىلاردىكى ھەرخىل يەشمىسى قانداق بولىدۇ؟بالىلىرىم توختىماي بىر-بىرى بىلەن ئويۇنچۇق تالىشىدۇ، ئۇلارنى ھەمبەھىرلەشكە قانداق يېتەكلەيمەن؟مېنىڭ ئاتا-ئانىلىقتىكى بەزى كۆز-قاراشلىرىم بىلەن چوڭلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن؟

      مېنىڭ ھېكايەم

      مەن تۆت بالىنىڭ ئانىسى، راستىمنى ئېيتسام، ئانىلىق بىلىملىرىنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن، مەنمۇ گاڭگىراپ قالغان، ئۆزۈمنى چارىسىز ھېس قىلغان بىرى ئىدىم، ھەتتا بىر مەزگىل ئۆزۈمنى يوقىتىپمۇ قويغان. ئەڭ دەسلەپتىكى بىر بالىنى بېقىشتىن بارا-بارا كۆپ بالىنى بېقىش جەريانىدا، بالىلىرىم ئارىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر، تالاش-تارتىشلار مەندە دائىم ھارغىنلىق ھېسسى پەيدا قىلاتتى، بالامغا ئازار بېرىپ قويغاندىن كېيىنكى ۋاقتىمنى دېمەيلا قوياي، ئۆزۈمنى شۇنداق يالغۇز، ئىلاجسىز، گۇناھكار ھېس قىلاتتىم، ئانىلىقىمدىن گۇمان قىلاتتىم, بالا بېقىشنى دۇنيادىكى ئەڭ تەس ئىش دەپ بىلەتتىم.شۇنداق قىلىپ، مەن ئاستا-ئاستا ئۆگىنىشكە باشلىدىم، كىتابلاردىن، دەرسلەردىن ۋە شەخسىي تەجرىبىلىرىمدىن نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىدىم، يەنە بىرى، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ ئاتا-ئانا تەربىيەسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.ھازىرمۇ بەزىدە ھېرىپ قالىمەن، بىر قىسىم تۇيغۇلار پات-پات كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇرىدۇ، بالىلىرىمنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يېڭى سىناقلارمۇ تۈگىگىنى يوق، ئەمما مەن بۇرۇنقى ئەنسىز، چارىسىز بىرىدىن ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى قارشى ئالىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەيدىغان ھەم ھەل قىلالايدىغان بىرىگە ئايلاندىم.شۇنداقلا، كۆپ يىللاردىن بېرى توپلىغان تەجرىبىلىرىمنى، مەن بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئەمەلىي دەرس ئاساسىدا، ئۆسۈپ يېتىلىشنى، ئۆزگۈرۈشنى، ئانىلىقىدىن قۇسۇر ئەمەس ھۇزۇر تېپىشنى ئىستىگەن ھەر بىر ئانا بىلەن ئورتاقلىشىشنى قارار قىلدىم، مەيلى سىز بىر پەرزەنتنىڭ ياكى ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولۇڭ، مەيلى سىز ئانىلىق يولىڭىزدا ئانا-بالا ئالاقىسى، بالىڭىزنى ھېسسىيات جەھەتتە يېتەكلەش، ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتتە بولسۇن، مېنىڭ تەجرىبەم ۋە ئۇسۇللىرىمنىڭ سىزگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.سىز يالغۇز ئەمەس، مەنمۇ شۇلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن.بۇ يەردە تۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئۆزىڭىزگە پۇرسەت بېرىۋاتقىنىڭىز، مەن دائىم يېنىڭىزدا
      ❤️